قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن

 چاچلىرى ئۆسۈپ كەتكەن بىر يىگىت ساتراشخانىدا چېچىنى ياسىتىپتۇ. ساتراش ئەمدىلا ئىش باشلاپ بىردەمدىن كېيىن ساتراچ بىر ماگنىتنى ئېلىپ يىگىتنىڭ بېشىدا ئۇياق بۇياق يۈگۈرتۈپتۇ، بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان يىگىت ئۇنىڭدىن :
- بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ ؟- دەپ سوراپتۇ.
- ياق، مەن قايچامنى ئىزدەۋاتىمەن- دەپتۇ ساتراچ .

قوشنا

 بىر ئەر ساقچىخانىغا كېلىپ قوشنىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ :
- قوشنام تولىمۇ شەخسىيەتچى ئادەم ، توخۇ-ئۆردەكلىرىم ، يېيىپ قويغان كىر-قات ، ھەتتا تامدىن ئارتىلىپ قالغان مېۋە-چىۋە دېگەندەك نەرسىلەر ئۇ ئادەمنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ كەتتىمۇ ،بولدى ! ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ ، مۇشۇ ئىشنى بىر ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز !
- بۇ كىچىك ئىش ئىكەن ، دېلو تۇرغۇزۇشقا بولمايدۇ ، ئۆزۇڭلار كېلشۋېلىڭلار ،- دەپتۇ ساقچى .
- بىراق ، ئايالىم ئەتىگەن ئالما ئۈزىمەن دەپ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئۇلارنىڭ قورۇسىغا چۈشۇپ كەتكەن ئىدى، تا ھازىرغىچە قايتىپ چىقمايۋاتىدۇ ، - دەپتۇ ھېلقى ئەر . 

ھاراق قۇيۇش

 بىر مەست ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئىلىۋاتقاندا ، ئىھتىياتسىزلىقتىن كارتىسىنى ماشىنا يۇتىۋالدى.
مەسىت قىلچە ھودۇقمايلا ئاپتۇماتىك پۇل ئلىش ماشىنىسىغا ھاراق قۇيغىلى تۇردى.
بۇنى كۆرگەن بىرەيلەن ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي سورىدى:
ئۇنىڭغا ھاراق ئىچىرۈپ نىمە قىلسەن ؟
-ئىچۈرمەن ،ئۇ ئىچىپ مەسىت بولغاندا كارتامنى قۇسۇپ چىقىرىپ بىرىدۇ ئەمەسمۇ ،-دەپتۇ مەسىت كۈلۈپ تۇرۇپ.

تۇمانلىق شەھەر

 A: بىلەمسىز، لوندون دۇنيادىكى ئەڭ تۇمانلىق شەھەر.
B: بىراق مەن لوندوندىنمۇ بەك تۇمانلىق شەھەرنى كۆردۈم.
A: قايسى شەھەركەن؟
B: بەك تۇمانلىق بولغاچقا قايسى شەھەرلىكىنى بىلەلمىدىم. 

ئەڭ ياخشىسى پىيادىلا ماڭاي

 بىر دېھقان سېرقبۇينىڭ بازىرغا چىقىپ ئېشەكتىن ئوننى ئېلىپ بىرنى مىنىپ ئۈيىگە قايتىپتۇ.
بۇ ئەدەم يولدا كىتېپبىرىپ ئېشەكنى سانىسا توققۇز چىقىپ قاپتۇ. ئىم بىرسى يۈتۈپتۇ دەپلام سەكرەپ چۈشۈپ سانىسا ئون چىقىپتۇ.
ئۇف دەپ ئېشەككە مىنىپ يەنە سانىسا توققۇز چىقىپتۇ چۈشۈپ سانىسا ئون چىققۇدەك ، ئەڭ ياخشىسى پىيادىلا ماڭاييا باكا بىر ئ‍ىشەكنى يۇتۇرگىچە دەپ ئىشەكلەرنى يىتىلەپ كىتىپتۇ ...

خالتىلىق دەملىگەن چاي

 بىرنەچچە قان شورىغۇچى ئالۋاستى دوزاختىكى قاۋاقخانىغا كىرىپتۇ. بىرسى ئازراق ئارتىرىيە قېنى ، بىرسى ۋىنا قان ،يەنە بىرسى بىر ئىستاكان سۇلا بويرۇتۇپتۇ. ئولتۇرغان ئالۋاستىلار بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇپ قارىسا ، سۇ بۇيرۇتقىنى يانچۇقىدىن بىر پارچە تازلىق قەغىزى چىقىرىپ ئىستاكانغا ساپتۇدە، ئاقسا ھالدا دەپتۇ:
_ ئاكاڭ قارىغاينىڭ بۈگۈن ئىشتىھاسى يوق، خالتىلىق دەملىگەن چاي ئىچىدۇ !!!

خوتۇننىڭ چاتىقى

 ئۈچ ئەر كىشى بىر يەرگە كېلىپ پاراڭلىشىپ قاپتۇ،گەپنىڭ تېمىسى ئۆز ئاياللىرىغا بېرىپ تاقىلىپتۇ. 
ئۇيغۇرۇم ؛-مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتىدىن بىر دانە ئامبۇرنى بايقاپ قالدىم دەپتۇ ،ئۇنىڭ چۇقۇم رېمۇنىتچى بىلەن چاتىقى بار. 
ھەسەنجان ؛-مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتى ئاستىدىن بىر ياغاچ كېسىدىغان ھەرىدىن بىرنى بايقاپ قالدىم دەپتۇ ،ئۇنىڭ چۇقۇم ياغاچچى بىلەن چاتىقى بار. 
مىرئالىمجان ؛- مەن ئايالىمنىڭ كارۋىتى ئاستىدىن بىر چەۋەندازنى بايقاپ قالدىم،ئۇنىڭ چۇقۇم ئات بىلەن چاتىقى بار.

جاندىن پۇل تاتلىق

 ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان بىر كىشى دوختۇرنىڭ نەسىھىتى بويىچە دەرھال ئۆيىگە قايتماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ ئۆيى خېلى يىراقتا بولسىمۇ، قىسقا بېكەتنىڭ بېلىتىنى ئاپتۇ. يېنىدا ئولتۇرغان كىشى بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:
- ھەر بىر بېكەتكەبارغاندا پويىزدىن چۈشۈپ بېلەت ئالغۇچە ئۆيىڭىزگە بارىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنىلا ئالسىڭىز بلمامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ.
-يولدا ئۆلۈپ قالسام پۇلۇم ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ - دە، - دەپتۇ كېسەل كىشى.

ئۆزىنى ئاقلاش

 بىر ئوغرى توخۇ ئوغرلاپ ئۆستەڭ بويىدا ئۇنىڭ پەيلىرىنى يۇڭداۋاتسا،ساقچى كىلىپ قاپتۇ،ئوغرى دەرھال توخۇنى ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىپتۇ.غەلىتىلىك ھىس قىلغان ساقچى ئوغرىدىن سوراپتۇ:
_بۇ نىمىنىڭ پەي تۈكلىرى،ئۆستەڭدىكىسىچۇ؟
_ئۆستەڭدىكىسى توخۇ،ئۇ سۇئۈزگىلى تۇرغانتى،مەن كىيىملىرىگە قاراپ بىرىۋتىمەن،_دەپتۇ ئوغرى چىرايىنىمۇ ئۆزگەرتمەيتۇرۇپ.

مەنمۇ تونۇمايمەن

 بۈگۈن تونۇمايدىغانلا بىرەيلەن ئىشخانىغا كىرىپ :
-بارمۇ سەن؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟ ئوخخو، بەك يوقاپ كەتتىڭ جۇمۇ ئاداش...خاپا بولماي ماۋۇ ئىشىمنى بىر ھەل قىلىپ بەرسەڭ،-دىدى.
راستىنى دىسەم، ئۇ ئاداشنى پەقەت تونىيالمىدىم:
-ئاداش، بىز تونۇشامدۇق؟ بىرەر يەردە كۆرۈشكەندەك قىلمىغانغۇ؟
ئۇ:
-مانداقلا دەيلى... داڭلىق رىياسەتچى مەۋلۇدنى تونۇمسەن؟
مەن:
-ئەلۋەتتە تونۇيمەن.
ئۇ:
-ھە~ مەنمۇ تونۇيمەن، دىمەك ئىككىمىز تونۇشىمىز!
‏ئۇھ... 
‏مەن:
-خەلچىخىندەمنى تونۇمسەن؟
ئۇ:
-تونۇمايمەن.
مەن:
-مەنمۇ تونۇمايمەن، دىمەك بىز تونۇشمايدىكەنمىز... 
ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىۋېتىپ سۆزلەشكە كىرىشتى:
-ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنى تونۇمسەن؟
... ... 
‏-چىقەۋە ئادىشاۋا...

ئادەمنى ساراڭ قىلۋىتىدىغان ھېكايە

 بىر كىشى بولغان ئىكەن ، بىركۈنى ئۇ ئۈلۋالماقچى بولۇپتۇ ،ياشانغان بىر كىشى ئۇنى تۇسۇپ نىمىشقا ئۈلۋالماقچى ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. 
- ئۆيۈمدە ئېغىر ئائىلە قىيىنچىلىقى بار شۇڭا ئۈلۋالىمەن . -
- ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق . قېنى دىگىنە قانداق قىيىنچىلىق ؟ 
مەن بىر تۇل خوتۇننى ئالغان ، ئۇنىڭ بويىغا يەتكەن بىر قىزى بار ئىدى ، دادام ئايالىمنىڭ قىزىنى كۆرۈپ ئالىمەن دەپ تۇرۋالدى , شۇنىڭ بىلەن دادام قىزىمنىڭ ئىرى بولۇپ قالدى ، مەن بولسام دادامنىڭ قېينى ئاتىسى بولۇپ قالدىم . ئايالىم بىر بالا تۇغدى , بۇ بالا دادامنىڭ نەۋىرىرسى بولدى . ئۆز نۆۋىتىدە مىنىڭ بالام دادامنىڭ ئايالىنىڭ ئىنىسى بولدى . 
ئەسلى ئۇ مىنىڭ تاغام بۇلۇشى كېرەك ئىدى . ئۇنى ئوغلۇم دىسەممۇ تاغام دىسەممۇ بولىدىغان بولۇپ قالدى ، دادامنىڭ ئايالى بىر بالا تۇغقاندىن كىيىن ئۇ بالا مىنىڭ ئىنم بولدى ، ھەم يەنە نەۋرەم بولدى ، چۈنكى ئۇ ئايالىمنىڭ نەۋرىسىدە 
ئايالىم ئىنىمنىڭ چوڭ ئاپىسى بولغاندىن كىيىن ئايالىم مىنىڭمۇ چوڭ ئاپام بولۇپ قالدى ، ھەم مەن ئايالىمنىڭ نەۋرىسى بولۇپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن مەن ئايالىمنىڭ ئىرى ھەم نەۋرىسى بولۇپ قالدىم ، چۈنكى ئايالىم ئىنىڭنىڭ چوڭ ئاپىسىدە ! 
شۇڭلاشقا مەن ئىنىڭنىڭ چوڭ دادىسى بولدۇم ، شۇنداق قىلىپ مەن ئۆزۈمنىڭ چوڭ دادىسى ھەم نەۋرىسى بولدۇم . 
گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ھېلىقى ياشانغان كىيى ئۇنى سۆزدىن توختىتىپ ، بولدى ! ئاللاھ ساڭا ۋە داداڭغا لەنەت قىلسۇن ! 
ساراڭ بولۇپ ياشىغۇچە مەنمۇ سەن بىلەن ئۈلەپلاۋالاي !!!!!!!!!!!!

چىرايلىق ئانا

 بىر ئانا ئاي-كۈنى تولۇپ قىز پەرزەنىتلىك بوپتۇ ،قىزىغا « چىرايلىق » دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.يوقلاپ كەلگەنلەر قىزىغا بۇ ئىسىمنى قويۇشنىڭ سەۋەبىنى سورىغانىكەن،ئۇ مۇنداق دەپتۇ؛
- قىزىم مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ،مەكتەپكە بارىدۇ.ھەر قېتىم ئاتا –ئانىلار يىغىنلىرىدا، بۇ خانىم كىمنىڭ ئانىسى دەپ سورىسا ، باشقىلار «چىرايلىق » نىڭ ئانىسى دېيىشسە ،ۋاھ، بۇ نېمە دېگەن ياخشى؟!

ئەسلى مۇنداقكەندە

 كىنو كۆرۈپ باقمىغان بىر دېھقان يازلىق كىنوخانىغا كىنو كۆرگىلى بارسا، ئىكراننىڭ ئالدى تەرىپىگە تاماشىبىنلار لىققىدە توشۇپ كېتىپتۇ. 
شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى ئىكراننىڭ كەينى تەرىپىدە ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا ئىكراندا بىر قىزنىڭ يالىڭىچ دۈمبىسى كۆرۈنۈپتۇ، دېھقان ئىچىدە:
- نېمىشقا ھەممىسى قىسىلىپ ئالدىدا ئولتۇرىشىۋالغاندۇ دېسەم ، ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە..........- دېگۈدەك. 

بىزنى ئېشەككەن دەپ قالسۇن!

 بىر كۈنى ھىسامكام ئاغىنىيىسى بىلەن ئولتۇرشتىن قايتىپ بىر مازارلىقىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاپتۇ. 
ھىسامكام ئاغىينىسىغا دەپتۇ، 
بىر ئايەت ئوقۇپ ئۆتەيلى. 
-ئاغىيىنىسى مەن قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيمەن. 
ھىسامكام ئوقۇمىساق بولمايدۇ. 
ئاغىينىسى قانداق قىلىمىز؟ 
ھىسامكام: ئۆمىلەپ تۆت پۇتلۇق بۇلۇپ ماڭايلى، 
ئەرۋاھلار بىزنى ئىشەككەن دەپ قالسۇن.

كۆچكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

 سوتچى : نىمىشقا خوتۇنۇڭنى 4-قەۋەتتىن ئىتتىرىۋەتتىڭ؟
جاۋابكار: شۇ ، ئۇرۇشۇپ قېلىپ.
سوتچى: ئۇرۇشساڭمۇ، 4-قەۋەتتىڭ ئىتتىرىۋېتەمسەن خوتۇنۇڭنى؟! .
جاۋابكار: بىز بۇرۇن 1-قەۋەتتە ئولتۇراتتۇق، ئۆي كۆچكىنىمىزنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

تاقابىل تۇرۇش

 موماي ئايال قوشنىسدىن سوراپتۇ:
- ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپلا كۆرۈنمەيسىز، نېمە ئىش بىلەن ئالدىراش؟
- ئېرىمنىڭ ئەتكەن تامىقىمدىن قۇسۇر تېپىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۇرستا ئوقۇۋاتىمەن.
- ئاشپەزلىك كۇرسىدىمۇ؟
- ياق، چامباشچىلىق كۇرسىدا .

ئەڭ تەس ئىش

 كەچقۇرۇن مەھەللە دوقمۇشىدا ئىككى ھۇرۇن تام يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىچە<<دۇنيادا ئەڭ تەس ئىش قايسى؟>>دىگەن مۇنازىرگە چۈشۈپتۇ.
-ئېرىق يوق يەردە كىچىسى سۇ تۇتماق تەس،-دەپتۇ بىر ھۇرۇن.
-ياق، كۈننىڭ ئىسسىقىدا ئورما ئورماق تەس،-دەپتۇ ئىككىنچىسى.
دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھېىسام ھورۇنلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قاپتۇ-دە،يېقىن كىلىپ:
-ھەر ئىككىڭلار تاپالمىدىڭلار، دۇنيادا ھۇرۇننىڭ ئىش تاپمىغى ئەڭ تەس،-دەپتۇ.

كىم تاماكا چېكىپتۇ

 ئاپتوبۇستا ئولتۇرغان بىر يولۇچىغا بېلەت ساتقۇچى ۋارقىراپتۇ:
- ھەي،سىز ئاپتوبۇستا تاماكا چەكمەڭ.
- مەن نەدە تاماكا چەكتىم.
- ئەمىسە، ئاغزىڭىزدا تاماكا تۇرىدىغۇ.
- چەكمىگەندىكىن بولمىدىمۇ،ھازىر مىنىڭ پۇتۇم ئايىقىمنىڭ ئىچىدە،مۇشۇنىڭغا قاراپ مېنى يول ماڭدى دېسىڭىز بولمايدۇ-دە.

يالغان پۇل

 يالغان پۇل ياسايدىغان ئىككەيلەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرمۇنچە 15 سوملۇق پۇل ياساپ قويۇپتۇ، ئىككىسى بۇ پۇلنى يىراق بىر يېزىغا ئاپىرىپ خەجلىۋاتايلى دەپ، يىراق بىر تاغلىق يېزىغا بېرىپتۇ.
15 سوملۇق پۇلغا دۇكانچىدىن بىر تال سېغىز سېتىۋېلىپ، پۇل قايتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرسا، دۇكانچى 7 سوملۇق پۇلدىن ئىككىنى قايتۇرۇپ قاراپ تۇرغىدەك.
ئىككەيلەن يىغلىۋاتقىلى تاس قاپتۇ. 

پىخسىق ئادەم

 پۇزۇر كىيىنگەن بىر كىشى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، بىر قاچا سۇيۇقئاش بۇيرۇتۇپتۇ، تاماق كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن چىنىدە بىر تال چىۋىننىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۈتكۈچىگە دەپتۇ:
- خانقىز، بۇ ئاشنى چىۋىن بىلەن تەڭ ئىچەمدىم؟
- سۆلىتىڭىزگە قارىسا ئات تارتالمايدىكەن، ئەمما تولىمۇ پىخسىق ئادەمكەنسىز، بىر تال چىۋىن قانچىلىك ئېشىڭىزنى ئىچىۋالاتتى!–دەپتۇ كۈتكۈچى پەرۋاسىزلا.

جەمئى يۇمۇر : 120 تال